ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم تورداش ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! ئىلىم - پەن بىلوگىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! ئىلىم - پەن بىلوگى بىلىمگە تەشنا قەلبىڭىزگە ئوزۇق بولغۇسى ! ئەگەر بىلوگىمنى قوللىسىڭىز ، ئوڭ تەرەپتىكى ساقلانما دېگەن كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ! بىلوگ ئىگىسى : غەيرەت قادىر ئىزدەن

  • ئىلىم-پەن بىلوگىنىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى !!!

    ئىلىم-پەن بىلوگىنىڭ ئىخلاسمەن ئۇقۇرمەنلىرى ، سىلەرنى تېخىمۇ ياخشى بولغان بىلوگ ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن  ئىلىم-پەن بىلوگىنىڭ يېڭى نەشىرى ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىۋېتىلدى . بۇ يېڭى نەشىرىگە ئىقتىدارلىق ياش يىگىت تەدبىركار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان PJBlog  سىستېمىسى ئىشلىتىلدى . ھەم بىلوگى ئايرىم مۇقىم بوشلۇققا قۇيۇلدى . ھازىرقى تور ئادرىسى : (بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم - پەن بىلوگىنى مۇشۇ ئادرىستىن زىيارەت قىلىڭ ! )
    http://www.ilim-pen.com  ياكى http://www.ilim-pen.cn

    ھازىر بىلوگنىڭ تىزىملىتىش ئىقتىدارى بار بولۇپ ، بىلوگقا ئىنكاس يوللاپ بولغان ئەزانىڭ ئىنكاسىنى تەھرىرلەش ھوقۇقى بولىدۇ . بىلوگىتىكى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنى كۆرەلەيدۇ . ئىلىم-پەن بىلوگ ئەزالىرىنىڭ ئىسمى ئاپتوماتىك ھالدا شۇ ئەزا تىزىملاتقان بىلوگ ياكى تور ئادرىسىغا ئۇلانغان بولىدۇ . يەنى شۇ ئەزانىڭ ئىسمىنى چېكىش ئارقىلىق شۇ ئەزانىڭ تور بېتى ياكى بىلوگىنى ئاپتوماتىك زىيارەت قىلىشقا  بولىدۇ .  ھەم ئەزالارنىڭ قوشۇمچە رەسىم يوللاش ئىقتىدارى بولۇپ ، ئىنكاس يازغاندا مۇناسىۋەتلىك رەسىلمەرنى ئۇلىنىش قىلغىلى بولىدۇ .  ئەزالارغا ھوقوق بەلگىلەش ئارقىلىق شۇ ئەزانى باشقۇرغۇچى ، بىلوگى يازغۇچىسى ، بىكەت باشلىقى ، مىېھمان قىلىپ تەڭشەش ئىقتىدارى قوشۇلغان . بىكەت باشلىقى ھوقوق بەرگەن ئەزالار شۇ ھوقوق دائىرسىدىكى ئىمتىيازدىن بەھرىمان بۇلالايدۇ .
    ئىلىم-پەن بىلوگ يېڭى نەشىرىگە ئەزا بولۇشتا : بىلوگنىڭ يېڭى نەشىرىگە كىرىپ ، ئوڭ تەرەپ يان ئاسما بۆلەكنىڭ ئەڭ ئۈستىگە جايلاشقان ‹‹ ئەزالار مەركىزى ›› دىكى ‹‹ تىزىملىتىش ›› نى بېسىش ئارقىلىق تىزىملىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ .
    ئۇلانما ئىلتىماس قىلىشتا ، ئوڭ تەرەپ يان ئاسما بۆلەكنىڭ  ئاستىغا جايلاشقان ‹‹ ئۇلانمىلار›› نىڭ ئاستىدىكى ‹‹ تېخىمۇ كۆپ ›› نى بېسىش ئارقىلىق ئۇلانما ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ .
    ئاخىردا ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىلىم-پەن بىلوگىنى قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

    • 评论

    • ياخشى بوپتۇ ، بىراق بۇيازمىڭىزنىڭ خەتلىرى نورمال كۈرۈنمەمدۇ قانداق، قاراپ باقارسىز.
    • مۇبارەك بولسۇن!
    • قەدىمىڭز ئۇتۇقلىق بولغاي ئىلىم پەن ئەپەندى.
    • بەك ياخشى بوپتۇ. لېكىن تور سۈرئىتى سەل ئاستىمۇ نىمە؟