ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم تورداش ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! ئىلىم - پەن بىلوگىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! ئىلىم - پەن بىلوگى بىلىمگە تەشنا قەلبىڭىزگە ئوزۇق بولغۇسى ! ئەگەر بىلوگىمنى قوللىسىڭىز ، ئوڭ تەرەپتىكى ساقلانما دېگەن كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ! بىلوگ ئىگىسى : غەيرەت قادىر ئىزدەن

  • ماتېماتىكا ھەۋەسكارلىرىغا چاقىرىق - [مۇكاپاتلىق سوئال]


    « تالانتلىقلارنى بايقاش مۇكاپاتلىق ماتېماتىكا سوئاللىرى » پائالىيتى ئىلىم-پەن بىلوگىدا ئېلىپ بېرىلۋاتقىلى 3 ئايدا بولدى . بۇ ئۈچ ئايدا جەمئىي 15 سوئال چىقىرىلدى . ئىككى نەپەر تورداش مۇكاپاتقا ئېرىشتى . ئەسلىدە ھەر قېتىملىق سوئالغا بېرىلگەن جاۋاب بېرىش ۋاقتى 30 كۈن ئىدى . كېيىن بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ، ماتېماتىكىغا بولغان قىزىقىشىغا ئاساسەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ۋاقتى 20 كۈن قىلىپ بېكىتىلدى . قالغان 10 كۈندە ماتېماتىكا ھەۋەسكارلىرى ئىنتىل سەيناسىغا يىغىلىپ شۇ قېتىملىق سوئاللارنى قايتا مۇلاھىزە قىلساق دېگەن قاراشقا كەلدۇق . 
      ئەلۋەتتە كېرەك ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەر خىل يېشىلىش يوللىرى بولىدۇ . ھەركىمنىڭ مەسىلىنى تەپەككۇر قىلىش يوللىرى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ . يەنە بەزى تورداشلارنىڭ مەسىلە تەپەككۇر قىلىشىدا كىشىنى قايىل قىلغۇدەك خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىك بولىدۇ . شۇڭا مۇشۇ مەسىلىلەرنى بىر يەرگە يىغىلىپ مۇنازىرە قىلساق ، مەسىلە ھەل قىلىشتىكى تەپەككۇر يولىمىز كېڭەيگەن ھەم مەسىلە يېشىش ماھارىتىمىز ئۆسكەن بۇلاتتى .
      بىزدە « تاما تاما كۆل بولار » دېگەن گەپ بار . بىز مۇشۇ قىلغان مۇنازىرىمىزدىكى ئۇسۇللارنى بىر يەرگە يىغىپ توپلىساق ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇنلىغان يوللىرىنى بىر يەرگە يىققىلى بۇلاتتى . بۇنىڭ بىلەن بىزدىن كېيىنكىلەرگىمۇ بىر نەمۇنە قالغان بۇلاتتى دەپ قارايمەن . شۇڭا بۇ مۇنازىرىنىڭ ھەممىمىزگە پايدىسى بار دەپ قارايمەن . ھەم ماتېماتىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قوللاپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
     بۇ قېتىملىق مۇنازىرە ئىنتىل سەيناسىدىكى
    «3- قېتىملىق تالانتلىقلارنى بايقاش مۇكاپاتلىق ماتېماتىكا سوئاللىرى »دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . شۇڭا بارلىق ماتېماتىكا ھەۋەسكارلىرىنى ئىنتىل سەيناسىغا كىرىپ مۇشۇ مۇنازىرىگە ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
     
      قېنى مۇنازىرىگە
    مەرھەمەت  .