ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم تورداش ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! ئىلىم - پەن بىلوگىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! ئىلىم - پەن بىلوگى بىلىمگە تەشنا قەلبىڭىزگە ئوزۇق بولغۇسى ! ئەگەر بىلوگىمنى قوللىسىڭىز ، ئوڭ تەرەپتىكى ساقلانما دېگەن كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ! بىلوگ ئىگىسى : غەيرەت قادىر ئىزدەن

  • چەت ئەللەردىكى ھايۋانات بايراملىرى - [ھايۋانات دۇنياسى]


    تيۇلىن بايرىمى :
    ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى نورۋېگىيە ۋە كانادادا «تيۇلىن بايرىمى » ئۆتكۈزۈلۈپ ، كىشىلەرنى تيۇلىننى قوغداشقا مۇراجىئەت قىلىنىدۇ .
    ئېشەك بايرىمى :
    سۇداندىكى قىزىل دېڭىز ئۆلكىسىدە ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنىدە «ئېشەك بايرى » ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ كۈن قىزىل دېڭىز ئۆلكىسىدىكى شەھەر-بازارلارنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئېشەك ھەققىدىكى تەشۋىقات رەسىملىرى ۋە ئېشەكنى قوغداش ھەققىدىكى پىلاكاتلار ئېسىلىدۇ . ھەر بىر ئائىلە ئېشەكنى رەڭگارەڭ بېزەپ ئەتراپىدىكى شەھەر-بازارلارغا ئاپىرىپ پاراتتىن ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىدۇ .
    مۈشۈك بايرىمى :
    ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 2- يەكشەنبىسى بىلگىيىدە «مۈشۈك بايرىمى » ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ كۈنى مۈشۈكلەر پادىشاھقا ئوخشاش ھەر خىل ئىمتىيازلاردىن بەھىرمان بولىدۇ .
    توخۇ بايرىمى :
    ھەر يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى ئىسپانىيىدە « توخۇ بايرىمى » ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ كۈنى مەيلى دېھقانلارنىڭ توخۇ كاتىكى ياكى چوڭ توخۇ فېرمىلىرى بولسۇن پاك-پاكىز تازلىنىپ ھەرخىل رەڭلىك چىراغلار ئېسىلىپ ، رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن بېزىلىدۇ .
    قاغا بايرىمى :
    ھەر يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى نېپالدا ئەنئەنىۋى «قاغا بايرىمى » ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ كۈنى شۇ جايدىكى ئاھالىلەر قاغىلارنىڭ كېلىپ بەھرىمان بولۇشى ئۈچۈن ئۆگزىسىنى پاك-پاكىز تازلاپ پىشۇرۇلغان گۈرۈچ قاتارلىقلارنى چېچىپ قويىدۇ .
    قوي بايرىمى :
    ھەر يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاۋستىرالىيىدە «قوي بايرىمى » ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ كۈنى پادىچىلار ساليوتلارنى ئېتىپ ، ئاندىن قويلارنى سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر ئەڭ كۆپ جايغا ئاپىرىپ ئوتلىتىدۇ .
    يىلان بايرىمى :
    ھەر يىلى 8- ئايدا ھىندىستانلىقلار «يىلان بايرىمى » ئۆتكۈزىدۇ . ئۇلار يىلانلارنى ئىززەتلەپ سۆيۈپ قويىدۇ ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلىدۇ . كوچىلاردا بالىلارنىڭ خوشال-خورام ھالدا يىلانلار بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ . باشلار ھەتتا يىلانلارنى بوينىغا تۆگىۋالىدۇ .
    ئىت بايرىمى :
    كانادادا ھەر يىلى 10- ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبىسى «ئىت بايرىمى » ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ كۈنى ھەممە ئىتلار بىر كۈنلۈك ئېسىل تاماققا ئېرىشىدۇ .
    پىل بايرىمى :
    ھەر يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنى تايلاندتا «پىل بايرىمى » ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ كۈنى ھەر جايلاردىن تاللانغان كۈچلۈك پىللار «پىل تەنھەرىكەت يىغىنى » غا قاتنىشىدۇ .
    ئېيىق بايرىمى :
    ھەر يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا «ئېيىق بايرىمى » ئۆتكۈزىلىدۇ . بۇ كۈنى شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقلىرى تىك ئۇچار ئايرۇپىلاندىن تاشلاپ بېرىلگەن گۆشلۈك يېمەكلىكلەردىن بەھرىمان بولىدۇ .