ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم تورداش ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! ئىلىم - پەن بىلوگىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! ئىلىم - پەن بىلوگى بىلىمگە تەشنا قەلبىڭىزگە ئوزۇق بولغۇسى ! ئەگەر بىلوگىمنى قوللىسىڭىز ، ئوڭ تەرەپتىكى ساقلانما دېگەن كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ! بىلوگ ئىگىسى : غەيرەت قادىر ئىزدەن

  • ئالىملار كەلگۈسى 50 يىلدىن كېيىنكى دۇنيانى پەرەز قىلدى - [تەبىئەتتىكى سىرلار]


      مەن بۈگۈن بىلىم كۈچ ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 2- سانىدىن «ئالىملار كەلگۈسى 50 يىلدىن كېيىنكى دۇنيانى پەرەز قىلدى » ماۋزۇلۇق بىر ماقالىنى ئوقۇدۇم . كەلگۈسى 50 يىلدا راسلا ئالىملار پەرەز قىلغانداك ئىشلار يۈز بېرەمدۇ - يوق ؟ ... قېنى سىلەر مۇ ئوقۇپ بېقىڭلار .
     تۆۋەندىكىلەر ئالىملارنىڭ كەلگۈسى 50 يىلغا قارىتا پەرەزلىرى :
      2010- يىلىدىن 215- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
     قوليازما ، « نورمال كىلىمات » ئۇقۇمى ، شەخسىي سىر ، كۈلدان ، سۈت ساققۇچى يوقىلىدۇ .
     راسىت - يالغاننى پەرىقلەندۈرگۈچ ، بەدەنگە كىيگىلى بولىدىغان كومپىيۇتېر ، چۈش ئەسۋابى بارلىققا كېلىدۇ .
    2015- يىلىدن 2020- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
     يولدىن ئېزىپ قېلىش ، مىننەتدارلىق خېتى ، تېلىفون يوقىلىدۇ .
     ئىنسانلارنىڭ ئايدا ئولتۇراقلىشىشى ، خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان كۆچمە تېلىفون ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىرىم بۇيۇملىرى ، مەخسۇس ئۇخلاشقا بارىدىغان مېھمانساراي بارلىققا كېلىدۇ .
    2020- يىلىدن 2025- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
    پارىس خېلتون ( چولپان ) ، پوچتا ئىدارىسى ، ھەقسىز ماشىنا توختىتىش ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغانلار ، توساقسىز دېڭىز ساھىلى ، كاتىپ ، DVD ، روس دېموكراتېيسى ، تېلېفون خاتىرسى ، «پېنسىيىگە چىقىش » ئۇقۇمى ، ھۆكۈمەت پېنسىيە پۇلى يوقىلىدۇ .
    ماشىنا ئادەم ئارقىلىق تاشقى كېسەللىكلەرنى ئوپېراتسىيىسى قىلىش ، سۈنئىي كۆز قارىچۇقى بارلىققا كېلىدۇ .
    2025- يىلدىن 2030- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
    ئۆلچەملىك يازما ، ھەقسىز يولدا ماشىنا ھەيدەش ، ئۈستەل كومپىيۇتېر ، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ، مالدېۋى ( يەرنامى ) يوقىلىدۇ .
    ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان قاچىلاش پونكىتى ، دېڭىز تۈرمىسى ، خاتىرىنى يوقىتىش ئەسۋابى ، سەزگۈچى ئەزا ئالاقە تورى بارلىققا كېلىدۇ .
     2030- يىلدىن 2035- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
    يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور ، مارجان خادا تاشلىرى ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، مىراس بېجى ، چۈشلۈك تاماق ئۇقۇمى ، قورۇق ، ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى يوقىلىدۇ .
    بوۋاققا قارايدىغان ماشىنا ئادەم ، تەقلىدىي دەم ئېلىش كۈنى ، ئالەمگە تۇتىشىدىغان شوتا ، سۈنئىي ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى كۈچەيتكۈچ ، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ماشىنا ، سۈنئىي باكتېرىيە مەيدانغا كېلىدۇ .
    2035- يىلىدىن 2040- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
    بالىلارنىڭ نازارەتسىز ئەھۋالدا ئوينىشى ، تەڭگە پۇل ، نېفىت ، يۇماشاق دېتال ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ، ئەرزان ساياھەت ، بېنگال دۆلىتى يوقىلىدۇ .
    ئۆز-ئۆزىنى رېمونت قىلالايدىغان تاشيول ، شەخسىي گېنغا ئاساسەن تۈزۈلگەن تاماق تىزىملىكى ، 3D باسما ماشىنىسى ، تەقلىدىي دېرىزە بارلىققا كېلىدۇ .
    2040- يىلدىن 2045- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
    قەغەز پۇل ۋە پۇل قاپچۇقى ، بېنزىن ماتور ، خۇمار بولۇش ۋە گاسلىقنى ساقايتىش ، دۆلەت پۇلى ، ھەقسىز ئاممىۋى سورۇن ، « كەچۈرۈڭ » دېگەن ئۇقۇم ، ياۋروپا ئىتتىپاقى يوقىلىدۇ .
    ئالەم بوشلۇقىدا زاۋۇت قورۇش ، ئورتاق يەرشارى پۇلى ، تېلېۋىزور قويغىلى بولىدىغان تام قەغىزى ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنى تۈرمە قىلىپ ئىشلىتىش بارلىققا كېلىدۇ .
    2045- يىلىدن 2050- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا:
    مونوپۇل ، ئاياغ بوغقۇچ ، ئەنگىليىنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمى ، تەبىئىي بوشىنىش يوقىلىدۇ .
     كىشىلەرنىڭ بۇلغانمىلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارىغا ئاساسەن شەخسىي باج ئېلىش ، كۆرۈنمەس تاشقى كىيىم بارلىققا كېلىدۇ ، ئىنسانلارنىڭ مارىسقا چىقىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ .
    2050- يىلىدىن 2055- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
    ئۆي ئىشلىرى ، بىرلىككە كەلگەن بېلگىيە ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغانلار ، «سەت « دېگەن ئۇقۇم ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يوقىلىدۇ .
    زىيانداش ھاشارەتلەرنى كونتىرول قىلىدىغان مىكرو ماشىنا ، ئادەم مېڭىسىنى كۆچۈرۈش ، ئادەم مېڭىسىگە خاتىرە كىرگۈزۈش ، دۇنيا كىملىكى ، دۇيا سايلىمى ۋە دۇنيا بېجى ، غەيرى ماشىنا ھەيدەش ، ماشىنا ساقچى ، سۈنئىي مېڭە ، كىچىك سەييارىلەردە كان ئېچىش ، web4.0 ، روھىي بېسىم ئۆلچەيىغان ۋە كونتىرول قىلىدىغان كىيىم بارلىققا كېلىدۇ .

    • 评论

    • بىلم- كۈچ ژورنىلىدىكىلەر مۇشۇنداق نەرسىلەرنى يىزىشقا ئامراق ، مۇشۇ نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرى رىئاللىقا ئايلانغان بولسىدى، مەنمۇ مۇشۇ ژورنالنى نەچچە يىل كۆرۈپ ئاخرى زىرىككەن ئىدىم.
      لىكىن سىزنىڭ يېڭى بىلىملەردىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرشىڭىز نى ئۈمۈد قىلىمەن.
    • يۇقارقى ئىشلار يۈز بىرىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇنچى تېز بولىشى ناتايىن. تەرەققىيات بۇنداق سەكرەش خاراكتىرلىك بولمايدۇ ، بىر-بىرلەپ كىلىدىغان نەرسە .
      ئىلىم-پەن بىلوگى回复math-man说:
      قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! دېگنىڭىز ئورۇنلۇق . دېمىسىمۇ تەرەققىيات بۇنچە تېز بولۇپ كەتمەيدۇ .مەن يۇقارقى ئىشلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنى يۈز بەرمەيدۇ دەپ قارايمەن .
      2009-03-27 22:13:17
    • ئاستىدىكىسى ئىنتىل سەيناسىدىكى مۇشۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاس.
      ئىلىم-پەن بىلوگى回复نەزەر说:
      قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنىڭ مۇشۇ يەرگىلا يېزىپ قۇياي
      -----------------------------------------------------------------------------------------------------
      مىنىڭ بۇماقالىگە تەنقىدىمنى كۆپچىلىك توغرا چۈشىنەلمىگەچ يەنە ئازراق يىزىپ بىقىشنى ئويلىدىم. مەن ئالى مەلۇماتلىق سىتۇدېنت بولغاچقا بۇنداق نەرسىلەرگە تىخىمۇ ئۈمۈدۋار پوزتىسىيە بىلەن قارىشىم كىرەكتى .ئەپسۇس، گۇمانخورلۇق ھىسىياتىم سەل ئۈستۈن كەلدى.
      كاللامنى يەنە بىر تەرەپكە قىڭغايتىپ تۇرۇپ ئويلىسام تەرەققىيات دىگەندە مەلۇم قىيىنچىلىق ئۆتكەل چوقۇم بولىدىكەن.ئۇنى يىڭىش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان بەدەل ھەقىقەتەن كۆپكەن.ئەلۋەتتە مەن بۇيەردە كۆرسەتكەن تەرەققىيات يۇقىرى تىخنىكا شارائىتىدىكى دەۋر ھالقىيدىغان تىخنىكىلارنى كۆرسىتىدۇ.پىيادە مىڭىشتىن ئىشەك ھارۋىسى ئۇنىڭدىن ئات ھارۋىسى...ۋىلىسپېت...موتوسىكىلت...ماشىنا...پويىز....ئايروپىلان دىگەندەك تەرەققىياتلار نى دەۋر تەرەققىياتىدىكى مۇقەەرەرلىك دەپ چۈشىنىش كىرەك.ئانام مەندىن سورايدۇ:«بالام،سىلەر مۇشۇ زاماننىڭ ناھايتى ياخشى ۋاقتىدا ياشاۋاتىسىلەر ،بۇرۇن نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈش دەپ بىلەتتۇق.لىكىن ھازىر تەرەققى قىلىپ ئويلاپ يەتكۈسىز مۆجىزىلەر يۈز بىرىۋاتىدۇ.ھازىر كومپيۇتېر دىگەن نىمە ھەممە ئىشنى تىز قىلىپ نۇرغۇن قولايلىق يارتىپ بىرىۋاتىدۇ.كىيىن يەنە قانداق بىر نەرسە كەشىپ بولۇپ بۇنىڭدىنمۇ تىز تەرەققى قىلىپ كەتسەك سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلار بىزدىن نەچچە مىڭ ھەسسە ياخشى بولۇپ كىتىدۇ ھە ....».«شۇنداق بولىدۇ» دىدىم ،ئىچىمدە بەلكىم نىمۇ قوشۇشقا ئۈلگۈردۈم. كوپميۇتېر دىگەن ئادەم مىڭىسىگە تەقلىد قىلىپ ئىشلەنگەن ئۈسكىنە.ئادەم مىڭىسى بولسا ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ماشىنا . كومپيۇتېر ئەڭ ئاخىردا ئادەم مىڭىسىگە پۈتۈنلەي تەقلىد قىلىنىپ بولسا يەنە نىمە كەشىپ قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس.فانتازىيلىك فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈپ كەتكەنلەر چوقۇم يىڭى ئۇقۇملارنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.ئەپسۇس ،ئاشۇ خىياىي كەشپىياتلار ھەممىسى شۇ كومپيۇتېرنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلىدۇ.كومپيۇتېر ئەڭ ئاخىردا ئادەم مىڭىسىدەك تەرەققى قىلامدۇ ؟؟؟ جاۋاب پەقەت بىرلا :«ياق،لىكىن تەرەققىياتنىڭ تاللىشى نەتىجىسىدە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تەتبىقلىنىدۇ خالاس».
      خۇددى شۆھرەت مۇتەللىيېۋ ئەپەندى ئىيىتقاندەك:«بىز ھازىر گىنلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۈزۈلۈش رولىنى بايقىغان بولساقمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ قانداق قانۇنىيەت بويىچە تاللىنىپ ئۆزئارا بىرىكىپ يىڭى تۆرەلمە ھاسىل قىلىدىغانلقىنى چۈشەندۈرۈشكە ئىنتايىن ئاجىزلىق قىلماقتىمىز .» ئويلاپ بىقىڭلار ، گىن دىگەن نەچچە مىليۇن ئاتۇم ئۆزئارا بىرىكىپ قانۇنىيەتلىك تىزىلىپ ،تولغۇنۇپ تەرتىپلىنىپ ھاسىىل بولىدىغان DNA نىڭ فونكىسىيلىك بىر قىسمى (بۇ ھەقتە تىخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئەھلىدىن ئىگەللەڭ). DNA نى تولۇق يىشىپ بولۇشقا ئۈلگۈرگەن ئالىملار بۇ يەردە نىمىشقا تەمتىرەيدۇ؟؟؟
      ئېينىشتىيىن ئاخىرقى ئۆمرىدە نىمىشقا ماتىماتىكىغىلا تايىنىپ نۇرغۇن مەسىلىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىيتىدۇ؟نىيۇتون دىگەن 20 نەچچە يىشىدىلا 3چوڭ قانۇننى ئوتتۇرغا قويۇپ بولغان ئادەم ، ئۆيلەنمەي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان شۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نىمىشقا ئىلاھىيەت تەتقىقاتىدىن باشقا ئىشلارنى ئويلاپ يىتەلمەيدۇ؟؟20نەچچە يىلدىن بىرى قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيسىنىڭ ئاتىسى _______ ھايات ئېينىشتىيىن دەپ نام ئالغان كامبرىج پروففىسورى سىتىفېىن خاۋكېن نىمىشقا يەنە يىڭى تىمىلارنى ئوتتۇرغا قويمايدۇ؟؟تىخنىكا شارائىتى بۇرۇنقىدىن ياخشى تۇرسا تىخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرسە بولاتتىغۇ؟؟دىمەك نەزەرىيە فىزىكىسى دەۋردىن يۈزنەچچە يىللار ئىلگىرى.ناھايتى زور داغدۇغا قوزغىغان ياۋروپا چوڭ تونىل تەجىربىخانىسىمۇ دەل شۇنداق ھەمما تىخىنىكىنى بىلىدىغان ،ھەممە ئىشنى چۈشىنەلەيدىغان دۇنياۋى ئالىملارنىڭ قولىدا خىلى زىيانلار نى تارتىپ ياسىلىپ قايتا رىمۇنت قىلىنىۋاتىدۇ(ئەلۋەتتە بۇنى پىشقان تىخنىكا دەپ چۈشەنمەيمىز .) بولسا شۇنداق دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى تىخنىكا ئىشلىتىلگەن تەجىربە تىزراق ئەڭ كىچىك زەررىچىلەردىن تۈزۈلگەن ئالەمنىڭ ئەمەلىي مودىلىنى تىكلەپ بەرگەن بولسا ياخشى بولاتتى. مۇشۇ تەجىربىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ناھايتى شىرىن خىياللاربىلەن باشلانغان ھازىر .....
      CPU دىگەن بور قانۇنى بويىچە ھەر 18ئايدا سۈرئىتى بىر ھەسسە ئاشاتتى ، لىكىن ھازىر چاستوتىنى كونا ئۇسسۇل بويىچە بىر ھەسسە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى. ئەڭ يۇقىرسى يەككە ئىشلەش چاستوتىسى3.x گىرتىس بولىۋاتىدۇ .شۇڭا ئېنتېل شىركىتى يىڭى لاھىيە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ(بىز ئەمەلىيەتتە ئۇنچە تىز سۈرئەتكە مۇھتاج بولمىساقمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىز تىخىمۇ تىز ھىسابلاش كۆرسەتكۈچىگە مۇھتاج(نامىسز بىر IT تەھلىلچى )____ قىنى قايسىڭلار ھازىرقى قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچلاردىن 50% ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتىسىلەر ؟؟ كىسىپ ئىيتىمەن:يوق)....
      ھەممە نەرسىدە بىر نوقتا بولىدۇ دوستلار.شۇ نوقتىدىن چەكسىز بدەك تۆلەپ ئىرىشىدىغىنى ناھايتى چەكلىك نەرسە بولغاندا ئاندىن چۈشكۈنلىشىپ توختاش ئىنساننىڭ ماھىيتىمۇ ؟؟؟ئادەم تەرەققىياتتا مەلۇم بىر نوقتىغا بارغاندا تەدرىجىي زىرىكىدۇ. بىزنىڭ مەكتەپتە بىر نەچچە كورىيەلىك بار .ئۇلار دۆلىتىدە 4G تورى ئىشلىتىدۇ ،(مەكتەپتىن ئەرزان باھالىق 3جىي كارتىسى سوۋغا قىلسا ئىشلەتمەي) ھازىر GSM تورىنىلا ئىشلىتىۋاتىدۇ. جاۋابى شۇكى ، ئاددى نەرسىلەر قولاي بولىدۇ.
      تۇرمۇشتا ھەممە بۇلۇڭدا ئەڭ يۇقىرى تىخنىكا قاپلىغاندا ئادەمنىڭ ئەقلى تەپەككۇرى ئىزدىنىشتىن ھوزۇرلىنىشقا ئۆتىدۇ،ئىزدىنىش زىرىكىشلىك بولمايدۇ، ھوزۇرلىنىش يىڭىلىقسىز شارائىتتا مەۋجۇت بولمايدۇ، يەنى ھوزۇرلىنىش چەكلىك بولىدۇ(100يىلدىن كىيىن سىز ئاغرىپ ياتقاندا قەدىناسىڭىز سۇنغان بۇردا نان قەدىرلىكمۇ يە ماشىنا ئادەم كۈتكۈچى يىگۈزگەن يۇقىرى ئۇزۇقلۇق تەڭشىكى؟؟؟؟؟؟!!!). شۇڭا يۇقىرى تەرەققىيات ئاڭنىڭ بىۋاستە مۇددىئاسى ئەمەس.تىخنىكىمۇ تەرەققى قىلىپ مەلۇم بىر نوقتىغا بارغاندا يەنە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلىنما بىلەن كىرىم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە توغرا كىلىدۇ.كاللىسى بار ئادەم زىيان تارتىدىغان ئىشنىمۇ قىلىپ يۈرمەس؟... كىلون ئادەممۇ يۇقىرى تىخىنىكنىڭ مەھسۇلى (نۇرغۇن ئالىملار بۇ خىل يادرولۇق تىخنىكىنى بىلىدۇ، لىكىن ئۇنىڭدىن كىلىپ چىقىدىغان زىياننىمۇ ئويلىشىپ ئورتاق چەكلىنىۋاتىدۇ).كىلون ئادەم يىتىلىپ چىقسا نۇرغۇن ئەزا ئالماشتۇرۇش ئىھتىياجىدىكى كىشىلەر غەمدىن قۇتۇلاتتى.ئەپسۇس ،ئىنسانىيلىق نوقتىدىن چىقىپلا بۇ تىخىنىكىنىمۇ چەكلىشىمىز كىرەك.
      شۇڭا خام خيالنىڭمۇ سەل ئاساسى بولسا ئىشەنگۈلۈك .
      قىنى تۆۋەندىكى سەپسەتىگە قاراڭلار .
      2010- يىلىدىن 215- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
      قوليازما ، « نورمال كىلىمات » ئۇقۇمى ، شەخسىي سىر(مۇمكىنمۇ ؟ ) ، كۈلدان(بەڭگە يوقامدۇ ؟؟) ، سۈت ساققۇچى(ھەممەيلەن بىرىپ بۇلغانمىغان سۈتنى ئىمىمىز شۇنداقمۇ ؟؟) يوقىلىدۇ .
      راسىت - يالغاننى پەرىقلەندۈرگۈچ(راست يالغان پەرقلەندى دىگەن گەپ يالغاننىڭ ئۆمرى قىسقا دىگەن گەپ . پەلسەپە ئوقۇغانلار دەڭلار ، يالغان بولمىسا راست نەدە ؟؟؟ كۆڭۈلدىكىنى بىلىش ئىنسانغا مۇمكىن ئىش ئەمەس) ، بەدەنگە كىيگىلى بولىدىغان كومپىيۇتېر ()، چۈش ئەسۋابى(ئاتالمىش چۈش يەشكۈچ، ياۋروپادا بۇخىل تەتقىقاتنى توسۇش كۈچلىرى خىلى كۆپ. ) بارلىققا كېلىدۇ .
      2015- يىلىدن 2020- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
      يولدىن ئېزىپ قېلىش ، مىننەتدارلىق خېتى ، تېلىفون(ئالقانغا قاراپلا ۋاقىرسا بېيجىڭدىكى نەزەرباي تەكلىماكان قۇچقىدىكى كۇئىنلونغا ئو بىرىدۇ ؟؟ تىخى ھەقسىز ؟؟؟ ئەڭ باي ئامىرىكىدىمۇ مۇمكىن ئەمەس) يوقىلىدۇ .
      ئىنسانلارنىڭ ئايدا ئولتۇراقلىشىشى ، خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان كۆچمە تېلىفون ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق گىرىم بۇيۇملىرى ، مەخسۇس ئۇخلاشقا بارىدىغان مېھمانساراي(بۇ نەرسە بار ) بارلىققا كېلىدۇ .
      2020- يىلىدن 2025- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
      پارىس خېلتون ( چولپان ) ، پوچتا ئىدارىسى ، ھەقسىز ماشىنا توختىتىش(ماشىنا پەۋقۇلئاددە كۆپىيىپ ھەقسىز ئورۇن يوق دىگەن گەپ) ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغانلار(废话دەيدۇ خەنزۇچىدا) ، توساقسىز دېڭىز ساھىلى ، كاتىپ ، DVD ، روس دېموكراتېيسى ، تېلېفون خاتىرسى ، «پېنسىيىگە چىقىش » ئۇقۇمى ، ھۆكۈمەت پېنسىيە پۇلى(جۇڭگو تەھلىلچىلىرى جۇڭگو تىخى 100 يىلغىچە سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا دەيدۇ، ئامىرىكا جۇڭگودىن 100 يىل بۇرۇن دەپ پەرەز قىلساقمۇ بۇ تىخى 500-600 يىلدىن كىيىنكى پەرەزى كوممۇنىزىم ) يوقىلىدۇ .
      ماشىنا ئادەم ئارقىلىق تاشقى كېسەللىكلەرنى ئوپېراتسىيىسى قىلىش ، سۈنئىي كۆز قارىچۇقى (سۈنئىي كۆز بار. كۆز قارچۇقىغا ئورنىتىلغان كامىرا ئارقىلىق سۈرەت كۆرۈش تەھلىل ئۈزۈنچىكىگە ئۇلۇنىپ ياسىلىدۇ، ھازىر ئەنگىليەدە 13 ئادەم بۇ تەجىربىنى قوبۇل قىلدى.بۇ كۆزدە تىلۋۇزۇر كۆرۈش مۇمكىنكەن(كىيىنچە ئەنگىليە باش ۋەزىرى بۇلاڭمۇ مۇشۇنداق كۆز ئورنىتىشى مۇمكىن(نەزەرى پەرىزى) ).) بارلىققا كېلىدۇ .
      2025- يىلدىن 2030- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
      ئۆلچەملىك يازما ، ھەقسىز يولدا ماشىنا ھەيدەش ، ئۈستەل كومپىيۇتېر ، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ، مالدېۋى ( يەرنامى ) يوقىلىدۇ(يەنە 15 يىلدىن كىيىن مۇشۇ ئىمكان بولسا مەن ...) .
      ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان قاچىلاش پونكىتى ، دېڭىز تۈرمىسى ، خاتىرىنى يوقىتىش ئەسۋابى ، سەزگۈچى ئەزا ئالاقە تورى(ئالدىنقى 3ى مۇمكىن. ئەمما بۇنى چۈشەنمىدىم) بارلىققا كېلىدۇ .
      2030- يىلدىن 2035- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
      يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور(ھەممە ئادەم يا بولمىسا كۆز ئەينەكتە كۆرىدۇ يا بولمىسا كۆرمەيلا قويىدۇ ....) ، مارجان خادا تاشلىرى ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، مىراس بېجى ، چۈشلۈك تاماق ئۇقۇمى ، قورۇق ، ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى(نازىنىنلار تازنىڭ غىمىدە ، قامەتلىكلەر XX نىڭ كەينىدە يۈرەمدۇ يە ئادەملەر چىرايلقلىشىپ قىلىپتا قۇيۇلۇپ چىقامدۇ ؟؟؟) يوقىلىدۇ
      بوۋاققا قارايدىغان ماشىنا ئادەم ، تەقلىدىي دەم ئېلىش كۈنى ، ئالەمگە تۇتىشىدىغان شوتا (قايسى بەغەرەز مۇشۇ ئىشنى قىلالايدىكەن ؟؟)، سۈنئىي ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى كۈچەيتكۈچ ، ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ماشىنا ، سۈنئىي باكتېرىيە مەيدانغا كېلىدۇ .
      2035- يىلىدىن 2040- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
      بالىلارنىڭ نازارەتسىز ئەھۋالدا ئوينىشى ، تەڭگە پۇل ، نېفىت(100 يىل ئىشلىتىمىز دەپ قوزۇقنى قاققان قۇدۇقلار 2040 يىلى نىفت پۇرقىمايدۇ؟؟؟) ، يۇمشاق دېتال(كىيىنكى 20 يىلدا ئەڭ راۋاجلىنىدىغان پەن دەپ قالپاقنى كەيگەن بۇ كەسىپراۋاجلىنىپ 10 يىلدىلا ئىشتانسىز قالغۇدەك...) ، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ، ئەرزان ساياھەت ، بېنگال دۆلىتى يوقىلىدۇ .
      ئۆز-ئۆزىنى رېمونت قىلالايدىغان تاشيول ()مۇشۇمۇ گەپمۇ ؟؟؟، شەخسىي گېنغا ئاساسەن تۈزۈلگەن تاماق تىزىملىكى ، 3D باسما ماشىنىسى ، تەقلىدىي دېرىزە بارلىققا كېلىدۇ .
      2040- يىلدىن 2045- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
      قەغەز پۇل ۋە پۇل قاپچۇقى ، بېنزىن ماتور ، خۇمار بولۇش ۋە گاسلىقنى ساقايتىش ، دۆلەت پۇلى ، ھەقسىز ئاممىۋى سورۇن ، « كەچۈرۈڭ » دېگەن ئۇقۇم ، ياۋروپا ئىتتىپاقى يوقىلىدۇ (قايسى كىچىك بالا ئىشىنىدۇ؟؟!).
      ئالەم بوشلۇقىدا زاۋۇت قورۇش ، ئورتاق يەرشارى پۇلى (ئورتاق يەر شارى پۇلى دىگەن ئالتۇن .تەرەققىياتچى ئالىم ئەلۋەتتە كونا دەۋردىكى ئالتۇننى كۆتۈرۈپ يۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدۇ.قەغەز پۇل كەشپ قىلىنغىلى نەچچە مىڭ يىل بولدى .ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 13دۆلەتنىڭ ياۋروسىدىن باشقا قايسى رايۇننىڭ پۇلى ئوخشاش؟؟؟! شىياڭگاڭ پۇلى بېيجىڭدا ئۆتمەيدۇ .)، تېلېۋىزور قويغىلى بولىدىغان تام قەغىزى (توغرىسى ئىنچىكە قەغەزسىمان تىلۋىزور)، بىر قىسىم دۆلەتلەرنى تۈرمە قىلىپ ئىشلىتىش بارلىققا كېلىدۇ .
      2045- يىلىدن 2050- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا:
      مونوپۇل ، ئاياغ بوغقۇچ ، ئەنگىليىنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمى ، تەبىئىي بوشىنىش(ئاياللار ۋاي دەپلا ئاغرىقنى سەزمەي سۈنئىي بوشىنىدۇ_ قانداق داۋلى ئۆزى ) يوقىلىدۇ .
      كىشىلەرنىڭ بۇلغانمىلارنى قويۇپ بېرىش مىقدارىغا ئاساسەن شەخسىي باج ئېلىش ، كۆرۈنمەس تاشقى كىيىم بارلىققا كېلىدۇ ، ئىنسانلارنىڭ مارىسقا چىقىشى(نەچچە يىللىق يولغا بىر جاننى چىقىرۋەتسەكلا ھىسابقۇ ؟؟؟مارسقا چىقساقمۇ نىمە بولۇپ كىتەرمىز ؟؟؟) ئەمەلگە ئاشىدۇ .
      2050- يىلىدىن 2055- يىلغىچە بولغان 5 يىلدا :
      ئۆي ئىشلىرى(ئۆيدە قىلغىلى ئىش بولمامدۇ يە ئۆيدە ئىش قىلغىلى بولمامدۇ؟؟؟ ......) ، بىرلىككە كەلگەن بېلگىيە ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھايات قالغانلار ، «سەت « دېگەن ئۇقۇم ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يوقىلىدۇ .
      زىيانداش ھاشارەتلەرنى كونتىرول قىلىدىغان مىكرو ماشىنا ، ئادەم مېڭىسىنى كۆچۈرۈش ، ئادەم مېڭىسىگە خاتىرە كىرگۈزۈش(ئادەمنىڭ تەپەككۇرى يىشىۋىتىلىش دىگەن ئىنسانغا قىلىنغان ھاقارەت،تەڭرىگە قىلىنغان چوڭ گۇناھ.ئىنساننىڭ ھەتتا تەپەككۇر مەخپىيىتىمۇ بولمىسا ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان دىگەن ئىلمى نامىغا داغ ئەمەسمۇ ؟؟) ، دۇنيا كىملىكى ، دۇنيا سايلىمى ۋە دۇنيا بېجى ، غەيرى ماشىنا ھەيدەش ، ماشىنا ساقچى ، سۈنئىي مېڭە ، كىچىك سەييارىلەردە كان ئېچىش ، (مۇقەررەر، Web2.0 -----Web3.0------web4.0--------web5.0......... دىگەن تەرتىپ بويىچە ئىسىم قويۇشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.)web4.0 ، روھىي بېسىم ئۆلچەيىغان ۋە كونتىرول قىلىدىغان كىيىم بارلىققا كېلىدۇ .
      2009-03-27 22:11:01
    • كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىر خۇدا بىلىدۇ.ئىنسان پەقەت بۇ ھەقتىكى تەسەۋۇر ۋە خىياللىرىنىلا ئوتتۇرغا قويالايدۇ.مېنىڭچە يۇقارقى ئىشلارنى پەرەز قىلغۇچىلار سەل ئالدىراپ كەتكەندەك قىلامدۇ؟شەيئىلەر ھامان ئۆزگىرىدۇ،لىكىن ئۆزگىرىش ئۇنداق تېز سۈرەتتە بولىشى ناتايىن.ئالىملارنىڭ تەسەۋۇرىمۇ ئەلۋەتتە ئاساسسىز ئەمەس،لىكىن توغرا چىقىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى ئەمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن.بىزنى مول تەسەاۋۇرلاغا چۆمگەن ماقالىدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت!
      ئىلىم-پەن بىلوگى回复لوپنۇرى说:
      قەدىمىزگە مەرھابا ! سىز دېگەندەك پەقەت ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر . ئىنسان پەقەت ئاللاھ بىلدۈرگەننىلا بىلەلەيدۇ . شۇڭا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە مەن ئۆزەممۇ ئانچە بەك ئىشىنپ كەتمەيمەن .
      2009-03-27 22:10:08