ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم تورداش ، ئىلىم - پەن بىلوگىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! ئىلىم - پەن بىلوگى بىلىمگە تەشنا قەلبىڭىزگە ئوزۇق بولغۇسى ! ئەگەر بىلوگىمنى قوللىسىڭىز ، ئوڭ تەرەپتىكى ساقلانما دېگەن كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ! بىلوگ ئىگىسى : غەيرەت قادىر ئىزدەن

  • ماتېماتىكا ھەۋەسكارلىرىغا چاقىرىق - [مۇكاپاتلىق سوئال]

    « تالانتلىقلارنى بايقاش مۇكاپاتلىق ماتېماتىكا سوئاللىرى » پائالىيتى ئىلىم-پەن بىلوگىدا ئېلىپ بېرىلۋاتقىلى 3 ئايدا بولدى . بۇ ئۈچ ئايدا جەمئىي 15 سوئال چىقىرىلدى . ئىككى نەپەر تورداش مۇكاپاتقا ئېرىشتى . ئەسلىدە ھەر قېتىملىق سوئالغا بېرىلگەن جاۋاب بېرىش ۋاقتى 30 كۈن ئىدى . كېيىن بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ، ماتېماتىكىغا بولغان قىزىقىشىغا ئاساسەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ۋاقتى 20 كۈن قىلىپ بېكىتىلدى . قالغان 10 كۈندە ماتېماتىكا ھەۋەسكارلىرى ئىنتىل سەيناسىغا يىغىلىپ شۇ قېتىملىق سوئاللارنى قايتا مۇلاھىزە قىلساق دېگەن قاراشقا كەلدۇق .