ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم تورداش ، ئىلىم - پەن بىلوگىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! ئىلىم - پەن بىلوگى بىلىمگە تەشنا قەلبىڭىزگە ئوزۇق بولغۇسى ! ئەگەر بىلوگىمنى قوللىسىڭىز ، ئوڭ تەرەپتىكى ساقلانما دېگەن كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ! بىلوگ ئىگىسى : غەيرەت قادىر ئىزدەن

  • ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە(2) - [باشقا بىلىملەر]

    7. ئوڭ مېڭىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىشنىڭ ئىككى ئۇسۇلى
    ئەگەر بىز مېڭىمىزنىڭ بىر يېرىمى يەنە بىر يېرىمىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلساق، ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي بولغان ئوڭ مېڭىمىزدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىمىز ئۆز ھاياتىمىزنىڭ قانداق بولۇشىغا نەقەدەر زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. ئوڭ مېڭىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى قانچە تولۇق ئىشقا سالالىساق، ۋاقىت ۋە ھازىرقى ئەھۋاللارنى شۇنچە مۇكەممەل كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، شۇنچە مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا شۇنچە ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بىز كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچى ۋە نېمە بولماقچى ئىكەنلىكىمىز توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى شۇنچە توغرا پەرەز قىلالايمىز. تۆۋەندە مەن ئوڭ مېڭىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىشنىڭ ئىككى ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئوتىمەن.
  • ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە(1) - [باشقا بىلىملەر]

    ئەركىن سىدىق
    2008-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

    مەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن ئۆز كەسپىم بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق سېمىنارلارغىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاتنىشىشنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، شاڭخەيدە ئوقۇغان بىر يىل، ياپوندا ئوقۇغان ئىككى يېرىم يىل، ۋە ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيانقى 20 يىلنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. بولۇپمۇ مەن 2004-يىلى 1-ئايدا ھازىرقى ئىدارەمدىكى ئىشقا كىرگەندىن بۇيان، بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان، «كىشىلىك تەرەققىيات» (ئىنگلىزچە «personal development» ياكى «personal growth») قا ئائىت سېمىنارلارغىمۇ خېلى كۆپ كىرەلەيدىغان بولدۇم.

  • سىرى ئېچىلمىغان سىرلىق سۈرەتلەر - [باشقا بىلىملەر]

    بۇ يەردە سىرى يېشىلمىگەن 10 پارچە رەسىم يوللاندى . بولسا سىزمۇ بۇلارنىڭ سىرىنى يېشىپ بېقىڭ . بۇ رەسىملەرنىڭ سىرلىقلىقىدىن ھەقىقەتەنمۇ كىشى ھەيران قالىدۇ .

  • بولشېۋىكلار  پارتىيىسى   مەركىزىي كومىتېتى  سىياسىي بيۇروسى  بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى قوزغاش، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن  يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن بىر ئالاھىدە گۇرۇپپا قۇرغان ھەمدە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.  1943-يىلى ماينىڭ ئاخىرىدا سسسر خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسساراياتى بېرىيانىڭ رەھبەرلىكىدە  دۆلەت بىخەتەرلىك، رازۋېدكا ئورگانلىرىنىڭ باشلىقلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى  يەرلىك ئىچكى ئىشلار، چېگرا قوغداش ھەم رازۋېدكا باشلىقلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى، قەشقەر،  غۇلجا، چۆچەك،  ئالتاي  قاتارلىق شەھەرلەردىكى سوۋېت كونسۇللىرى ھەمدە كونسۇلخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان   رازۋېدكا خادىملىرىنىڭ  قاتنىشىشى بىلەن يىغىن چاقىرىلىپ، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەتنىڭ كونكرېت چارە-تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى (34).
  • 5.  كرېمىلدىن چىققان سادا: شېڭ شىسەينى يىقىتىش كېرەك !
    دېمەك ، 1943-يىلى  شېڭ شىسەي  موسكۋادىن يۈز ئۆرۈش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى بىردىن-بىر مۇھىم تەسىر داىرە ئاستىدىكى كولونىيىسىدىن ئايرىپ تاشلىدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن زەربە بولدى. ستالىن قاتارلىق سوۋېت رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ   ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى  ھەمدە بۇ يولدا ئاققۇزغان قانلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تىكلىگەن مەزكۇر "ئىشەنچلىك قونچىقىدىن " دەككىسىنى يەپ، ئالدىن  ئويلاپ باقمىغان  ماددىي ۋە مەنىۋى زەربىلەرگە ئۇچرىدى.
  • 3.    قەيەردە ئۇران بار؟
    ستالىن،  ئەينى ۋاقىتتىكى چۈشەنچە بويىچە ئالغاندا، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتىكى "ئەڭۈشتەر" ھېسابلىنىدىغان ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقىش ئىدىيىسىگە كەلسىمۇ، لېكىن بۇ قورال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان  ئاساسلىق كەم ئۇچرايدىغان  رادىاكتىپلىق ماددا ئۇران زاپىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە  تېخى تېپىلمىغانلىقىنى، موسكۋانىڭ قولىدا ئازراقمۇ ئۇراننىڭ يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن،  دەرھال ئۇنى ئىزدەش ھەمدە قېزىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن بولۇپ،  ئاتوم يادرو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە كېرەك بولغان يەر ئاستى  بايلىقلىرىغا ئېرىشىش  ۋەزىپىسى  سوۋېت ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى ۋالەنتىنە بېرىياغا تاپشۇرۇلغان ئىدى.
    ئۇنداقتا  نەدە ئۇران بار؟  بىر دانە ئاتوم  بومبىسى ئۈچۈن زادى قانچىلىك ئۇران كېرەك؟  بۇ ئۇراننى قانداق ئۇسۇل بىلەن تاۋلاپ، ئاخىرىدا ئۇنى قورالغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن؟ دېگەندەك يۈز مىڭلىغان سواللار  سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن تېخى ھەل قىلىنمىغان ھەم ھەل قىلىنىشى  ناھايىتى مۈشكۈل بىر سىر ئىدى.
  • 1.ستالىننىڭ «ئاتوم بومبىسى» خىيالى  قانداق تۇغۇلدى؟

    بۈگۈنكى رۇسىيە تارىخچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ  ئاتوم ياساش ئىدىيىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەمدە بۇ ساھەدە مەخسۇس پىلان تۈزۈپ، ئىشقا كىرىشىنىڭ  گېرمانىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىدىن كېيىن بولغانلىقىنى ھۆكۈم قىلسىمۇ، لېكىن پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ  ھەربىي خامچوتىنىڭ يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىپ، ھەربىي تېخنىكىسىنى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا زومىگەرلىك  قىلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ھەتتا  1939-1940-يىللىرىدا  پولشا ھەم باشقا بىر قىسىم شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بېسىۋېلىشى  ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە  قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئوخشاشلا ئەندىشىگە سالغان.

  •  نەبىجان تۇرسۇن(تارىخشۇناسلىق دوكتورى)

     مۇقەددىمە ئورنىدا
       20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى  راۋاجلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن زور  مەبلەغ سەرپ قىلدى. بولۇپمۇ، گىتلېر گېرمانىيىسى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە دۇنيانى بويسۇندۇرۇش پىلانىنى كۆڭلىگە  پۈككەنلىكى ئۈچۈن، ھەربىي خامچوتىنى  يىلدىن-يىلغا كۆپەيتىپ،  ھەربىي تېخنىكىنى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇپ چىقىش ھەم ئەڭ ئۈستۈن ھەربىي قۇۋۋەتلەرگە  ئىگە بولۇش  ئارقىلىق كۆزلىگەن  پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتى.

  • ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ، ئەقىللىق (2) - [باشقا بىلىملەر]

    2008-يىلىنىڭ بېشىدا، مەن بىزنىڭ ئىدارىدە ئېلىپ بېرىلغان كۆڭۈل بىلەن بەدەننىڭ مۇناسىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان بىر سېمىنارغا قاتناشتىم. بۇ سېمىناردا دوكلات بەرگۈچى ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ چىقتى. ئاندىن ئۇ ئاڭلىغۇچىدىن باشقىلار ھازىرغىچە ئۆزى توغرىسىدا دەپ باققان، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرمەيدىغان سۆزلەرنى سورىدى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئوڭ قولىنى مۈرىسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ توغرىسىغا كۆتەرتىپ قويۇپ، بىزدىن ھەممىمىزدىن ھېلىقى سۆزلەرنى بىرلىكتە ئۈنلۈك توۋلاشقا بۇيرىدى. بىز شۇنداق قىلدۇق. ئاندىن ئۇ سۆزلىگۈچى سەھنىدىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى پەسكە باسقان ئىدى، قولى ئاسانلا پەسكە چۈشۈپ كەتتى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئورۇنلانتۇرۇشى بويىچە بىز بۇ تەجرىبىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدۇق. بۇ قېتىم ھېلىقى ئاڭلىغۇچى ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان سۆزلەر بىلەن تەكرارلىدۇق. بۇ قېتىم سۆزلىگۈچى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئوڭ قولىنى خېلى كۈچەپ پەسكە باسقان بولسىمۇ، ئۇنى زادىلا پەسكە چۈشۈرەلمىدى.
  • ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ، ئەقىللىق (1) - [باشقا بىلىملەر]

    مەن 2006- ۋە 2007-يىللىرى يۇرتقا بېرىپ، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، ”ئۇيغۇرلار ئۇلاردىن جىق ھورۇن”، ” ئۇلار ئۇيغۇرلاردىن جىق ئەقىللىق”، ”نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇيغۇرلار دۆت”، دېگەندەك گەپلەرنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم. بۇ ئايرىم كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىمۇ، ياكى ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان بىر ئىدىيىمۇ، بۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئەگەر بۇنداق كۆزقاراش ئايرىم كىشىلەرگىلا تەۋە بولماستىن، ئۇ خەلق ئىچىگە خېلى كەڭ دائىرىدە سىڭىپ كىرىۋاتقان بىر ئىدىيە بولسا، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك سەلبىي تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

  • مەن ئۆزۈم مەلۇم چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلمىغان، لېكىن ئەتراپىمدىكى مەن يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچەيلەن بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەن بۇ جەرياندا بىر قىسىم دوستلىرىمغا ئىلتىماس جەدىۋىلىنى قانداق توشقۇزۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن. بىر نەچچە دوستۇمنىڭ ئىلتىماس جەدىۋىلىدىكى بىر قىسىم خەنزۇچە مەزمۇنلارنى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. قىسقىسى مەن بۇلارنىڭ تەلەپلىرى، ئىلتىماس جەدىۋىلى بىلەن بىر قەدەر تونۇش.
  • يۇرتۇمدىكى داڭلىق سەيلىگاھ قىرمىش ئاتام مازىرى - [باشقا بىلىملەر]

    قىرمىش ئاتام مازىرى مېنىڭ يۇرتۇم ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيسىگە جايلاشقان ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 60نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان بىر چۆللۈككە جايلاشقان بولۇپ ، ئومۇمىي كۆلۈمى 600 مودىن ئارتۇق . ئەتراپىدىكى 20 نەچچە كىلومېتىر ئارلىقتىكى جايلارنىڭ ھەممىسى قاقاس چۆللۈك بولغاچقا قىرمىش ئاتام مازىرى يەنە چۆللۈكتىكى گۆھەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ . 1000 يىلدىن ئارتۇقراق تارىخقا ئىگە .
  • ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﻮﺭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ - [باشقا بىلىملەر]

    ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺍﷲ نىڭ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ

    ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﻮﺭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ
    ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺟﯩﻤﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ : ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﯩﻤﻰ ﺟﺎﻫ...
  • سىزنىڭ سۇنياغا داڭلىق ئونۋېرىستىتلارنى زىيارەت قىلغىڭىز بارمۇ ؟ چەتئەلدە ئوقۇغىڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداقتا بۇ يازمىنى تەپسىلىي ئوقۇسىڭىز، سىزگە لازىملىق توربەتلەرنىڭ نەقەدەر جىقلىقىنى ھېس قىلىسىز . قېنى مەرھەمەت.

  • ئامېركا ئالىي مائارىپىدىكى ئۇنۋانلار - [باشقا بىلىملەر]

    ئامېرىكا ئالىي مائارپىدىكى ئىلمىي ئۇنۋانلارنى بىلىپ باققۇڭىز بارمۇ ؟ ئەگەر سىز كېيىنچە مۇشۇ يەردە ئوقۇپ قالسىڭىز قايسى ئۇنۋاننى ئېلىش ئۈچۈن ئۈگۈنەتتىڭىز ؟ مەزمۇنىغا قىزىقسىڭىز تولۇق ئوقۇڭ .

  • ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻥ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ - [باشقا بىلىملەر]

    «ئىلىم-پەن بىلوگ » نىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىندى . بۇ يازمىنى «ئىلىم-پەن بىلوگ يېڭى نەشىرى » دىن كۆرۈڭ .
    ئادرىسى :
    http://www.ilim-pen.com/article.asp?id=129