ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۆھتىرەم تورداش ، ئىلىم - پەن بىلوگىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! ئىلىم - پەن بىلوگى بىلىمگە تەشنا قەلبىڭىزگە ئوزۇق بولغۇسى ! ئەگەر بىلوگىمنى قوللىسىڭىز ، ئوڭ تەرەپتىكى ساقلانما دېگەن كۆزنەكنىڭ ئاستىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ قويۇڭ ! بىلوگ ئىگىسى : غەيرەت قادىر ئىزدەن

  • گرافا نەزەرىيسى(2) - [ماتېماتېكا بىلىملىرى]

    2. ئەيلېر گرافىسى ۋە جۇڭگو پوچتا يولى مەسىلىسى
     ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى (Euler)  ئەيلېر 1736- يلى كونىسبېرىگتىكى يەتتە كۆۋرۈك مەسىلىسىنى غەلبىلىك ھالدا ھەل قىلىپ  گرافا نەزەريىسىنىڭ پىشۋاسى بولۇپ قالدى . بۇ مەسلە مۇنداق ( تۆۋەندىكى  رەسىم  گە قاراڭ ) : كونىسبېرىگنى كېشىپ ئۆتىدىغان بىر دەريا بولۇپ ، بۇ دەريادا ئىككى كىچىك ئارال بار ئىدى ، مەلۇم بىر كىشى مەلۇم جايدىن چىقىپ ، ھەر بىر كۆۋرۈكتىن پەقەت ۋە پەقەت بىر قېتىمدىن ئۆتۈپ ، يەنە ئەسىلدىكى چىققان جايغا قايتىپ كەلمەكچى بلسا ، ئۇھالدا مۇشۇنداق مېڭىش يولى بارمۇ ؟

  • گرافا نەزەرىيسى (1) - [ماتېماتېكا بىلىملىرى]

    گرافا نەزەرىيسى توغۇرلۇق بىرەر نەرسە يازاي دەپ يۇرۋاتقان ئىدىم . مانا بۇ ئىشمۇ ۋۇجۇتقا چىقتى ، بۇ يازمىنى يېزىش ئۈچۈن نەچچە كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلدىم . زادى قانداق قىلسام ئەڭ چۈشنۈشلۈك قىلالايمەن ؟ دېگەن سۇئالغا ئامال بار ياىشى جاۋاپ بېرىشكە تىرىشتىم .

  • [对偶公式] جۈپ فورمۇلىلار
    ئەگەر لوگىكىلىق ئەمەللەرگە دائىر ئىككى فورمۇلا تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسا ، ئۇلار جۈپ فورمۇلىلار دەپ ئاتىلىدۇ : ئۇلارنىڭ بىرىدىكى «+» نى «.» گە ، «.» نى «+» گە ، 0 نى 1 گە ، 1 نى «0» گە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يەنە بىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ .
    بۇ خىل ئالماشتۇرۇشنى جۈپ ئالماشتۇرۇش ( 对偶变换) دەپ ئاتايمىز .
  • [逻辑代数] لوگىكىلىق ئالگېبرا
    ئالگېبرالىق ئۇسۇل ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرىش ، ئىسپاتلاش قاتارلىق لوگىكىلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ ، ئۇ ، ماتېماتىكىلىق لوگىكىنى ئالاھىدە بىر پەنگە ئايلاندۇرۇشتا قولغا كەلگەن دەسلەپكى نەتىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . دەسلەپتە ئەنگلىيە ماتېماتىكى ، لوگىكىشۇناسى بول ( George  Boole , 1864-1815 ) نىڭ 1847- يىلى نەشىر قىلىنغان « لوگىكىلىق ماتېماتىكا ئانالىزى » دېگەن كىتابى بىلەن دې . مورگان( DeMorgan , 1871-1806) نىڭ «فورمال لوگىكا » دېگەن كىتابىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ، ھەم گېرمانىيە ماتېماتىكى شىرودېر ( Ernst Sehroder , 1902-1841 ) نىڭ « لوگېگىلىق ئالگېبرا كونسىپىكى » (1895-1890 ) دېگەن كىتابىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇملاشتۇرۇلغان ، شۇڭا ئۇ « بول ئالگېبراسى » ( 布尔代数) ياكى « بول - شرودېر ئالگېبراسى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ
  • گرافا نەزەرىيسى (4) - [ماتېماتېكا بىلىملىرى]

    5. رەتكە تۇرغۇزۇش مەسىلىسى
      بىر ماشىنا   دىن ئىبارەت بىر قانچە زاپچاسلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ . ئەگەر   زاپچاسنى پىششىقلاپ ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە   زاپچاسنى پىششىقلاپ ئىشلەشتە ماشىنىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە ، ھەم ماشىنىنى تەڭشەشكە كېتىدىغان ۋاقىت   بولسا ، ئۇھالدا زاپچاسلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش رېتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغاندا ئومۇمىي تەڭشەشكە كېتىدىغان ۋاقىت ئەڭ قىسقا بولىدۇ ؟
  • گرافا نەزەرىيسى (3) - [ماتېماتېكا بىلىملىرى]

    3. خامىلتون گرافىسى
     (Hamilton) خامىلتون 1859- يىلى « دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىش مەسىلىسى » دېگەن مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويدى : بىر مۇنتىزىم 12 ياقلىىقنىڭ 20 دانە چوققىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى 20 چوڭ شەھەرنى ئىپادىلەپ ( تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ ) ،مەلۇم بىر شەھەردىن چىقىپ ، كۆپ ياقلىنىڭ قىرلىرىنى بويلاپ ساياھەت قىلىپ ھەمدە ھەر بىر شەھەردىن پەقەت بىر قېتىمدىن ئۆتۈپ ، ئاخىردا دەسلەپ يولغا چىققان شەھەرگە قايتىپ كىلىش كېرەك . مۇشۇنداق ساياھەت يولى مەۋجۇت بولامدۇ - يوق ؟
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇسۇلى - [ماتېماتېكا بىلىملىرى]

    «ماتېماتىكا» گىرىكچە «ماتىما (ئىلىم-پەن)» دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، ماتېماتىكا رېئال دۇنيادىكى بوشلۇق شەكلى بىلەن سان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىن «قانچىلىك؟»، «قايس...
  • ماتېماتىكا تىل شۇناسلىقى - [ماتېماتېكا بىلىملىرى]

    ماتېماتىكا تىلشۇناسلىق _ ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىقتىن پەيدا بولغان يېڭى ئارىلىق پەن . ئۇ ئاساسلىقى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . گەرچە ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىق بارلىق پەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى بولغان پەن تارماقلىر...
  • ﺋﯧﯟﻛﯩﻠﯩﺪ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﯓ - [ماتېماتېكا بىلىملىرى]

    19-ئەسىرنىڭ باسلىرىدا ئېۋكىلىد گېئومېتريەسى ماتېماتېكىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر تارماق بولۇپ ، ئەڭ ئاۋال بىر يۈرۈش خۇلاسە چىقىرش سىستېمىسى بۇلۇپ راۋاجلاندۇرۇلغان ئىدى.2000يىلدىن بېرى ئېۋكىلىد گېئومېتريەسىدىكى گېئومېتريە تېئورمىلىرىنىڭ ھەممىسى رېئاللىققا ماسلاشقان بولۇپ ،خۇددى ئەقىلىيلىكنىڭ مەھسۇلاتى ، رېئال دۇنيانىڭ سىدام سىزمىسى بولغان بىر يۈرۈش ئېدىئال سىستىمىدەك قىلاتتى .

  • IMO ﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻙ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯧﻜﺎ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ. ﮬﻪﺭﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ 6 ﺩﯨﻦ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ . ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺳﯘﺋﺎﻟﻰ 6 ﺳﯘﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ 2 ﻛﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﯗ ، ﮬﻪﺭ...
  • ئەۋرىشكە ئېلىشتىكى پەلسەپە - [ماتېماتېكا بىلىملىرى]

    ئەمەلىي خىزمەتلەردە، تەتقىق قىلىنىۋاتقان ئوبىيكىتنىڭ ماتېماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، كۆپىنچە ئومۇمىي گەۋدە ئىچىدىن بىر قىسىم يەككىلىكلەر ماتېرىيال قىلىنىپ ئېلىنىدۇ، ماتېرىيال قىلىپ ئېلىنغا بۇ يەككىلىك قىسىم ئەۋرىشكە دېيىلىدۇ، ئۇ ماتېماتى...
  • ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيتى ۋەئۇسۇلى - [ماتېماتېكا بىلىملىرى]

    يوللىغۇچى: ئەلى ئۇيغۇر
    "ماتېماتىكا" گېرىكچە "ماتىما (ئىلىم-پەن)" دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان بولۇپ، ماتېماتىكا رېئال دۇنيادىكى بوشلۇق شەكلى بىلەن سان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلدىغان پەن. ئۇئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىن "قانچنلىك...