-
ئىلىم-پەن بىلوگىنىڭ ئىخلاسمەن ئۇقۇرمەنلىرى ، سىلەرنى تېخىمۇ ياخشى بولغان بىلوگ ئىمتىيازلىرىدىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن ئىلىم-پەن بىلوگىنىڭ يېڭى نەشىرى ئوقۇرمەنلەرگە ئېچىۋېتىلدى . بۇ يېڭى نەشىرىگە ئىقتىدارلىق ياش يىگىت تەدبىركار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان PJBlog سىستېمىسى ئىشلىتىلدى . ھەم بىلوگى ئايرىم مۇقىم بوشلۇققا قۇيۇلدى . ھازىرقى تور ئادرىسى : (بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم - پەن بىلوگىنى مۇشۇ ئادرىستىن زىيارەت قىلىڭ ! )
http://www.ilim-pen.com ياكى http://www.ilim-pen.cnھازىر بىلوگنىڭ تىزىملىتىش ئىقتىدارى بار بولۇپ ، بىلوگقا ئىنكاس يوللاپ بولغان ئەزانىڭ ئىنكاسىنى تەھرىرلەش ھوقۇقى بولىدۇ . بىلوگىتىكى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنى كۆرەلەيدۇ . ئىلىم-پەن بىلوگ ئەزالىرىنىڭ ئىسمى ئاپتوماتىك ھالدا شۇ ئەزا تىزىملاتقان بىلوگ ياكى تور ئادرىسىغا ئۇلانغان بولىدۇ . يەنى شۇ ئەزانىڭ ئىسمىنى چېكىش ئارقىلىق شۇ ئەزانىڭ تور بېتى ياكى بىلوگىنى ئاپتوماتىك زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ . ھەم ئەزالارنىڭ قوشۇمچە رەسىم يوللاش ئىقتىدارى بولۇپ ، ئىنكاس يازغاندا مۇناسىۋەتلىك رەسىلمەرنى ئۇلىنىش قىلغىلى بولىدۇ . ئەزالارغا ھوقوق بەلگىلەش ئارقىلىق شۇ ئەزانى باشقۇرغۇچى ، بىلوگى يازغۇچىسى ، بىكەت باشلىقى ، مىېھمان قىلىپ تەڭشەش ئىقتىدارى قوشۇلغان . بىكەت باشلىقى ھوقوق بەرگەن ئەزالار شۇ ھوقوق دائىرسىدىكى ئىمتىيازدىن بەھرىمان بۇلالايدۇ .
-
« تالانتلىقلارنى بايقاش مۇكاپاتلىق ماتېماتىكا سوئاللىرى » پائالىيتى ئىلىم-پەن بىلوگىدا ئېلىپ بېرىلۋاتقىلى 3 ئايدا بولدى . بۇ ئۈچ ئايدا جەمئىي 15 سوئال چىقىرىلدى . ئىككى نەپەر تورداش مۇكاپاتقا ئېرىشتى . ئەسلىدە ھەر قېتىملىق سوئالغا بېرىلگەن جاۋاب بېرىش ۋاقتى 30 كۈن ئىدى . كېيىن بىر قىسىم تورداشلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ، ماتېماتىكىغا بولغان قىزىقىشىغا ئاساسەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ۋاقتى 20 كۈن قىلىپ بېكىتىلدى . قالغان 10 كۈندە ماتېماتىكا ھەۋەسكارلىرى ئىنتىل سەيناسىغا يىغىلىپ شۇ قېتىملىق سوئاللارنى قايتا مۇلاھىزە قىلساق دېگەن قاراشقا كەلدۇق .
-
تيۇلىن بايرىمى :
ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى نورۋېگىيە ۋە كانادادا «تيۇلىن بايرىمى » ئۆتكۈزۈلۈپ ، كىشىلەرنى تيۇلىننى قوغداشقا مۇراجىئەت قىلىنىدۇ . -
2. ئەيلېر گرافىسى ۋە جۇڭگو پوچتا يولى مەسىلىسى
ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى (Euler) ئەيلېر 1736- يلى كونىسبېرىگتىكى يەتتە كۆۋرۈك مەسىلىسىنى غەلبىلىك ھالدا ھەل قىلىپ گرافا نەزەريىسىنىڭ پىشۋاسى بولۇپ قالدى . بۇ مەسلە مۇنداق ( تۆۋەندىكى رەسىم گە قاراڭ ) : كونىسبېرىگنى كېشىپ ئۆتىدىغان بىر دەريا بولۇپ ، بۇ دەريادا ئىككى كىچىك ئارال بار ئىدى ، مەلۇم بىر كىشى مەلۇم جايدىن چىقىپ ، ھەر بىر كۆۋرۈكتىن پەقەت ۋە پەقەت بىر قېتىمدىن ئۆتۈپ ، يەنە ئەسىلدىكى چىققان جايغا قايتىپ كەلمەكچى بلسا ، ئۇھالدا مۇشۇنداق مېڭىش يولى بارمۇ ؟ -
گرافا نەزەرىيسى توغۇرلۇق بىرەر نەرسە يازاي دەپ يۇرۋاتقان ئىدىم . مانا بۇ ئىشمۇ ۋۇجۇتقا چىقتى ، بۇ يازمىنى يېزىش ئۈچۈن نەچچە كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلدىم . زادى قانداق قىلسام ئەڭ چۈشنۈشلۈك قىلالايمەن ؟ دېگەن سۇئالغا ئامال بار ياىشى جاۋاپ بېرىشكە تىرىشتىم .
-
قاراقۇرۇم تېغىدىكى «دوزاخ ئىشىكى »
سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر مول بولغان جايلار چار ۋىچىلارنىڭ جەننىتى ھېسابلىنىدۇ . ئەمما قاراقۇرۇم تېغىدىكى چارۋىچىلار كالا-قويلىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتسىمۇ ، ئۇ يەردىكى ئۆت-چۆپلەر بۇلۇق ئۆسكەن چوڭقۇر جىلغىغا كىرىشنى خالىمايدىكەن .
كىشىلەر بۇ جىلغىنى «قاراقۇرۇم تېغىدىكى دوزاخ ئىشىكى» دەپ ئاتايدىكەن . جىلغا بۆرە تىرىلىرى ، ئېيىقنىڭ سۆڭەكلىرى ، ئوۋچىلارنىڭ ئوۋ مىلتىقلىرى ھەم قەبرىلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بولغاچقا ، كىشىلەرگە تېخىمۇ سىرلىق ۋە قورقۇنۇچلۇق بىلىنىدىكەن . -
مەن بۈگۈن بىلىم كۈچ ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 2- سانىدىن «ئالىملار كەلگۈسى 50 يىلدىن كېيىنكى دۇنيانى پەرەز قىلدى » ماۋزۇلۇق بىر ماقالىنى ئوقۇدۇم . كەلگۈسى 50 يىلدا راسلا ئالىملار پەرەز قىلغانداك ئىشلار يۈز بېرەمدۇ - يوق ؟ ... قېنى سىلەر مۇ ئوقۇپ بېقىڭلار .
-
نىقابلانغان تاشسىمان گۈل
بۇ خىل ئۆسۈملۈك ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇقلاردا ئۆسۈدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى قېلىن ، شىرنىلىك ، رەڭگى ، شەكلى بەئەينى شېغىل تاشقىلا ئوخشايدۇ . يوپۇرمىقى كۆپ مىقداردا سۇ ساقلىيالايدۇ . گۈلى ئالتۇن سېرىق رەڭدە بولۇپ ھەر بىر تۈپتە پەقەت بىرتاللا گۈل ئېچىلىدۇ ، ئەمما شۇ كۈنىلا ئېچىلىپ سولىشىپ قالىدۇ . ئۇنىڭ بۇنداق تاشسىمان ھالەتتە بولىشى ئەمەلىيەتتە ھايۋانلارنى ئالداپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر . بۇ خىل ئۆسۈملۈك ئادەتتە قۇم- شېغىللارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ ، بۇنداق مۇھىتتىن ئايرىلسا ياشىيالمايدۇ . -
بىر قېتىم بىر كېمە دېڭىزدا بورانغا دۇچ كېلىدۇ . شىددەتلىك دولقۇننىڭ زەربىسىدە كېمىنىڭ بىر قىسىم بۆلۈملىرى بۇزۇلۇپ ، قىيسىيىشقا باشلايدۇ .شۇنىڭ بىلەن كېمىدىكى كىشىلەر كېمىدىكى تاشلىۋەتكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىدۇ . كېمىدىكى 25 يولۇچىنىڭ ئالدىدا ئىككى يول قالىدۇ .بىرى ، كېمىدىكى ھەممە كىشى كېمە بىلەن بىللە سۇغا غەرق بولۇش ، يەنە بىرى بىر قىسىم يولۇچىلارنى قۇربان قىلىپ ، دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنى يىنىكلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن كېمىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش . لېكىن بۇنداق قىلغاندا ئادەملەرنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقراقىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلەتتى . شۇنداق بولسىمۇ كۆپچىلىك ئىككىنچى چارىنى ماقۇل كۆرىدۇ . ئەمما ھېچكىممۇ دېڭىزغا سەكرەشنى خالىمايدۇ .
-
ئامېرىكىلىقلارنىڭ يالغۇز ئادەمنى ئوربىتىدا ئۇچۇرۇش «مېركۇرىي » پىلانى ھەم ئىككى ئادەمنى ئوربىتىدا ئۇچۇرۇش «قوشماق ئوغۇل يۇلتۇز تۈركۈمى « پىلانىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تۈرلۈك ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيىتى ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى تىرىشىش نىشانىسىنىڭ 380 مىڭ كىلومېتىرلىق ئالەم بوشلۇقىنى ھالقىپ ئۆتۈپ ، ئايغا قونۇش ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەردى . 1961-يىلى كىنىندى زۇڭتۇڭ ئامېرىكىنىڭ نىشانىسىنى 60- يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئادەمنى ئايغا چىقىرىپ ، ئۇ يەردىن يەر شاتىغا بىخەتەر قاۇتۇرۇپ كېلىش ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى . قوشماق ئوغۇل يۇلتۇز تۈركۈمى پىلانى ئاياغلاشقاندا ، 60- يىللارمۇ ئاخىرلىشىپ قالغان ئىدى .
-
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مۇبارەك نامى تىلغا ئېلىنسا ئۇنى بىلمەيدىغان ئۇيغۇر يوق دىيەرلىك . ئۇنىڭ نامى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىلىش چەمبىرىكىدىن ھالقىپ ئۆتۇپ پۈتۈن جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ياپنىيە ، گېرمانىيە ، ئەرەب يېرىم ئارىلى ، تۇركىيە قاتارلىق نۇرغۇن خەلىقلەرگە تۇنۇشلۇق .چۇنكى ئۇنىڭ خېلى كۆپ ئەسەرلىرى خەنزۇ ، نېمىس، ئەرەب ، ياپون تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان . ئۇ، نامى دۇنياۋىلاشقان ئۇستاز يازغۇچىلىرىمىزنىڭ سەركىسى .
-
مەشھۇر كىشىلەرنىڭ مۇنداق قانۇنلىرىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ !
-
كېپلىر (1571 - 1630 ) گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئاسترونومى . ئۇ ئۆمرىدە مول تۆھپىلەرنى ياراتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆھپىسى، پلانېتلار ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ قانۇنى بايقىغانلىقى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇ كىلاسسىك ئاستونومىيەگە ھۇل سېلىپ بەردى.
-
<< ئىلىم - پەن بىلوگى >> ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەبىئىي پەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ قۇرۇلغان بىلوگ ئىدى . بۇ بىلوگ مەيلى 10 نىڭ ئىچىدە بولسۇن ، مەيلى ئەڭ كەينىدە بولسۇن << ھەقىقەت >> كە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان بىلوگ . << ھەق >> بولمىغان ئىشلاردىن بۇ بىلوگ بىزار ھەم ئۇنداق ئىشلارنى قارشى ئالمايدۇ .
-
ئەسكەرتىش : بۇخەرىتىلەر پەقەت تۇران چۈشەنچىسى كەمچىللەر ئۈچۈن چىقىرىلدى ، تارىخنى تەتقىق قىلىش ھەم پايدىلنىش ئۈچۈنلا يوللاندى ، ھىچقانداق سىياسى مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس ، قىرىنداشلارنىڭ سوغاققانلق بىلەن مۇنازرلىشىشىنى توغرا چۈشىنىشىنى سۇرايمەن .
ئەسەرنىڭ زىللىكى ،چىتىلدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى تۈپەيلى ھەرقانداق بىر شەخىسنىڭ شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن ئىلىم-پەن بىلوگىنىڭ ,ئورخون تارىخ مۇنبىرىنىڭ روخسىتىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرمەلىكىنى ساغلام مەزمۇننى بۇرمىلىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن !! -
سىزمۇ تېپىپ بېقىڭ . تاپالامسىزكىن ؟
-
<< تەگئات >> دېگەن بۇ ئاتالغۇنى بەلكىم كۆپۈنچىلىرىمىز بىلىشىمىز مۇمكىن . << تەگئات >> بولسا ، كىشى ئاتلىرىغا قوشۇلۇپ كېلىپ ئۇلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى ، نەسىل - نەسەبى ۋە ئۇرۇق - جەمەتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ، كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى پەرەقلەندۈرۈپ بېرىدىغان جەمەتىي خاس نام . بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ئوخشاش ئىسىملىك كىشىلەر بەكمۇ كۆپ . ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى تەتقىق قىلغان قايسى بىر كىتاپتا دېيىلىشىچە ھازىر ئۇيغۇرلاردا كۆپ قوللىنىلىدىغان كىشى ئىسىمى 7000 ئەتراپىدا ئىكەن . بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ھەر 2000 ئادەمنىڭ ئىسمى ئوخشاش دېگەن گەپ .
-
ئوقۇۋاتقىنىڭىز ماقالىنىڭ «ئۈچۈنچى بۆلىكى » ئاۋال ، «بىرىنچى بۆلىكى » ، «ئىككىنچى بۆلىكى » نى ئوقۇڭ!
11.ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قۇشۇلۇشى
دىلار (狄 ):
1. قىزىل دىلار (赤翟,赤狄) ؛ 2. ئاق دىلار (白翟,白狄) ؛ 3. ئۇزۇن دىلار (长翟,长狄)
قاڭقىللارنىڭ ئالتە چوڭ قەبىلىسى(高车六部):
1. دىلار (狄) ؛ 2. ئۇيغۇرلار (袁纥) ؛ 3. قوغۇرسۇ (斛律) ؛ 4. چاپىش (斛批) ؛ 5. قىرغىزلار (护骨) ؛ 6. ئىل تېكىن (异奇斤) -
ئوقۇۋاتقىنىڭىز ماقالىنىڭ «ئىككىنچى بۆلىكى » ئاۋال «بىرىنچى بۆلىكى » نى ئوقۇڭ !
9) «توققۇز بايىرقۇ» (九姓拨野固). بۇ قەبىلە كۆپ ھاللاردا بايىرقۇ (Bayirgu) دەپلا ئاتالغان. ئەسلىي ھون قەبىلىسى بولۇپ، خەنزۇچە ھۆججەتلەردە拨也稽» » دەپ يېزىلغان كېيىنچە تېلى يەنى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان. كونا، يېڭى «تاڭنامە» ۋە «تاڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر唐会要)) نىڭ «ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە»دە «تاشقى توققۇز قەبىلە» ياكى «توققۇز تېلىلار» (توققۇز ئۇيغۇرلار) نىڭ بىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن. ئەمدى «قانۇنلار قامۇسى» 198- جىلد. چېگرا مۇداپىئەسى. تۈركلەر» 突厥. 边防. 卷一九八 «通典»).) كونا تاڭنامە» 8- جىلد. «شۈەنروڭ ھەققىدە خاتىرە» 1- قىسىم上 «玄宗纪» 卷八 «旧唐书») ۋە 194- جىلد، «تۈركلەر تەزكىرىسى»، «كىتابلار جەۋھىرى»، 973- جىلد. «قارام تائىپلەر. دۆلەتكە ياردەملىشىپ، جازا يۈرۈش قىلىش» («助国讨伐. 外臣部»، 卷九七八 «册府元龟»)) قاتارلىق كىتابلاردا «توققۇز بايىرقۇ» نامى تىلغا ئېلىنغان.
-
تۈركلەر ئۇتتۇرا ئاسىياغا پالانى يىلى كىرىگەن ياكى پالانى تۈرك خانلىقى ۋاقىتتا كىرگەن ياكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىياغا پالانى يىلى كىرگەن ياكى پالانى تۈرك خانلىقى ۋاقىتتا كىرگەن " مېنىڭچە "تۈرك ""ئۇيغۇر"سۆزى "تۇر "تۇرا ""ھون"ئاتالغان ، خەلقلەردىن ئايرىپ قاراش بەئەينى بىر پۈتۈن ئۇيغۇرنى "تارانچى " "قەشقەرلىق "دەپ ئايرىغانغىلا ئوخشايدۇ ، تۇرا+ان بىر تىرتۇريىدە يەنى قېرىنداش بۇلغان بىرقانچە يۈزلىگەن قەبىلىنىڭ بىرلەشمىسنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان ئۇمۇمىي ئاتالغۇ ،ئۇنى بەزىلەر تىرتۇرىيە نامى دەۋالغان ،ۋاقىت پەرقى بىلەن ئېيتقاندا "جەڭگىۋار تۇر،ۋە جەڭگىۋار تۇرا "بىلەن "تۈرك" ئارىلىقىدا ئاتالمىش "ھون ""匈奴"دېگەن بىر ئىسىم بار ،بۇلار زادى كىم ؟" تۈرك "لەر "ھون "لارنى ئۇتتۇرا ئاسىيادىن قوغلىۋەتكەنمۇ ؟ پەقەت "تۇرك "لەرنى ئاسماندىن توككىدە چۈشكەن دىگۈچىلەرلا شۇنداق ئويلايدۇ.
-
7. ئوڭ مېڭىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىشنىڭ ئىككى ئۇسۇلى
ئەگەر بىز مېڭىمىزنىڭ بىر يېرىمى يەنە بىر يېرىمىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلساق، ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي بولغان ئوڭ مېڭىمىزدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىمىز ئۆز ھاياتىمىزنىڭ قانداق بولۇشىغا نەقەدەر زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. ئوڭ مېڭىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى قانچە تولۇق ئىشقا سالالىساق، ۋاقىت ۋە ھازىرقى ئەھۋاللارنى شۇنچە مۇكەممەل كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، شۇنچە مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا شۇنچە ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بىز كەلگۈسىدە نېمە قىلماقچى ۋە نېمە بولماقچى ئىكەنلىكىمىز توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالنى شۇنچە توغرا پەرەز قىلالايمىز. تۆۋەندە مەن ئوڭ مېڭىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا سېلىشنىڭ ئىككى ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئوتىمەن.

















